-
Nov 16, 2009
ONKYOئۇسلۇببى - [ئۇسلۇب چۈشۈرۈش]
-
Nov 15, 2009
2009-11-15
ياردەم سوراش بېتى
مەندىن ياردەم سورىماقچى بولسىڭىز، ئىنكاس يېېزىڭ،قولۇمدىن كىلىشىچە ياردەم بىرىمەن
-
Nov 15, 2009
Motorola Droid سىناش - [يانغۇن ئۇچۇرلىرى]
Motorola Droid


مۇتەخىسلەرنىڭ بۇ يانغۇنغا بولغان باھاسى ئاددى:
!نى ئېلىڭDroidئالمىغان بولسىڭىز،ئۇنداقتا iphoneئەگەر سىز

-
Nov 15, 2009
ئۈمىدلىك ئۇيغۇر - [ئوي-پىكىر]
ئۈمىدلىك ئۇيغۇر
تولغۇنار ئاچ يىلان يۇتالماي بىزنى ،
چۈنكى بىز ئەر مىللەت ئەركەكتىن بولغان .
مىڭ يىللار باسسىمۇ قىسمەتلىك توپان ،
يوقالماي ياشايمىز ، شەيتان پەرىشان .
يۇرتۇمدا چىقىدۇ ھەر كۇنى بوران ،
كۈزلەردىن ياش ئەمەس گويا ئاقار قان .
تۇغۇلغان ھالىتىم ، ياشىدىم شۇنداق ،
يوقالماس ئىكەنغۇ ئازاپقا ئىنسان .
دۇنيانىڭ كۆزىدە قارا ئۇيغۇرغا ،
نەقەدەر ھاياجان ، چىداملىق مىللەت .
ئۈمىدلىك ئەتىگە ئالىدۇ قەدەم ،
باسسىمۇ ھەر ۋاقىت ۋابا-يۇ ئاپەت ....
-
Nov 15, 2009
ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلىم-پەن ۋە ئىجادىيەت قۇدرىتى - [ئوي-پىكىر]
مۇھاكىمە بىز تارىختەك يەنە ئىلىم - پەن دۇنياسىدا ئالدىنقى قاتارغا ئۆتەلەمدۇق- يوق ؟ مەن سەمىمىيلىك بىلەن شۇنى كۆرسىتىمەنكى، ئەگەر پۇتكۈل جەمىيەت بۇلۇپمۇ ياشلىرىمىز ئەنە شۇنداق ئۈمۈدلىك نىشانىنى كۆزلەيدىغانلا بولسا، بىز يىتەلىشىمىز مۇمكىن. كۆپلىگەن تە... -
Nov 14, 2009
كىملىكىمىز توغىرسىدىكى ئەندىشلىك خىياللار - [ئوي-پىكىر]
كىملىكىمىز توغىرسىدىكى ئەندىشلىك خىياللار(دىلكەش) - [مىللەت]
بىز ھەر قانداق مىللەتلەرنىڭ ئالدىدا تۇردىغان ،باشقىلار نى ھەيرانۇ-ھەس قالدۇرغان ،تارىخى بەتلىرىگە ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرغان (بىز)ئىدۇق.تۆنۆگۈن (بىز)ئۈچۈن ئۆتمۈشكە ئايلانغان بولسىمۇ بىراق ئۆتمۈشىنى ئۇنتۇش،تارىخىنى ئۇنتۇش ،مىللى كىملىكنى ئۇنتۇش بىزنى مانا بۈگۈنكىدەك خارۇ-زارلىققا ،تۈرلۈك قىسمەتلەرگە دۇچار قىلدى.(بىز)نىڭ دۇنيادا (بىز) بۇلۇپ قالغىنىمىزدا زەررىچىلىك گۇناھ يوق.تارتىۋاتقان كۈلپەتلىرمىزگە (بىز)بۇلۇپ ياشاۋاتقانلىقمىز سەۋەبچى ئەمەس-بەلكى كىملىكمىزنى ئۇنتۇغانىلقمىز (بىز)لىكمىزدىن چانغانلىقمىز ،ئۆزىمزىنى ئىتىراپ قىلمىغانلىقمىز ،تۆنۆگۈننى ئۇنتۇغانلىقىمىز سەۋەبچى.
ھەر قانداق بىر مىللەت كىملىكنى ،تارىخىنى ئۇنتۇيدىكەن ھامان (بىز)دەك كۈنلەرگە قالىدۇ.بۇ مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان مۇقەررەر قانۇنيەت.شۈبھىسىز ھەقىقەت.
مىنى قاتتىق تەشۋىشكە سالغىنى (بىز)نىڭ تىلمىزنى قوللانماي «خەق»نىڭ تىلنى قوللىنىش ،ئۇلارنى قارىغۇلارچە دوراش ،ھەم ئۇلارنىڭ مەدىنيىتنى ئۆگنىش ئۈچۈن بارلىقمىزنى ھېچ ئايانماي قۇربان قىلۋىتىش.مىللى ئۆرىپ ئادىتمىزگە يات بولغان غەرىبچە ياشاش يۇلنى تاللىۋېلىش.
توي ئىنسان ھاياتىدكى بىر چوڭ ئىش.مىللىچە تويلىرمىز نى غەرىبچە مەدەنيەتنىڭ قار بورىنى تامام يوق قىلدى.بىز ھازىر توينى بىر سودا قاتارىدا كۈرىدىغان بۇپ قالدۇق.قىزلار بازاردىكى مالغا ئوخشاش كىم ئاشىدۇ؟قىلىپ سېتىلدىغان ئادەمنى يىرگەندۈردىغان بىر خىل سودا ھالىتى كىلىپ چىقتى.شۇ سەۋەب پۇلى ئازلار ھالال نىكاھلاپ خوتۇن ئالالماي«ئەركىن مۇھەببەت» دەپ چىرايلىق ئىسمى بار، زالالەتكە چۆمگەن، گۇڭگا كىچىك خانىلەردىن ئۆزىنىڭ ھاۋايى -نەپسىنى قاندۇرۇپ كەلدى. يىگىتلەرنى مانا شۇنداق كۇچىلار ،كىچىك گۇڭگا خانىلەر گومراھلىق پاتقىقىغا قۇلقىغىچە پاتۇرۋەتسە ،قىزلىرمىزنى ئالتۇندىنىمۇ قىممەت ،بىباھا بولغان ئىپپەت-نۇمۇسىدىن ئايرىدى.(بىز)نىڭ يۈزىمزگە مانا شۇنداق ئۆچمەس ،ھاقارەتلىك داغ چۈشتى.بۇ نىڭغا (بىز)بۇپ قالغىنىمىز سەۋەبچىمۇ؟ياكى (بىز)لىكمىزنى تۇنۇمىغنىمىز سەۋەبچىمۇ؟ياكى تۆنۆگۈنىمىزنى تامام ئۇنتۇغىنمىز سەۋەبچىمۇ؟ياكى غەربىنىڭ ئانا سۈتىدەك شىرىن،مىھرىمىزنى ئۈزەلمەيدىغان ،مەدەنيتى سەۋەبچىمۇ؟.......مەن بۇ سۇئالغا جاۋاب تاپالمىدىم.
تارىختا ئۆچمەس ئىزلارنى قالدۇرغان ئەجدادلىرمىز (بىز)نىڭ مانا بۈگۈنكىدەك ئەجدادىدىن تېنىشتەك قىلمشنى كۈرەلىسە ئىدى بەلكى جاھانغا سىغمايۋاتقان باي(بىز)لەر نى تامام تۇپراق قوينىغا دەپنە قىلۋەتكەن بۇلاتتى.قېنى كىم ھازىر (بىز)لىكمىزدىن تانمىدىم ،مىللى كىملىكمنى يوقاتمىدىم دىيەلەيدۇ؟...........
بۈگۈنكىدەك ئېچىنىشلىق ھالىتىمىزگە قايغۇرۇش ئىلكىدە تۇرۇپ ،دەردىمىزگە دەرمان تېپىپ بۇلالماي تۇرۇپ يېقىن كەلگۈسىدىكى ئەتىمىزنى كۆپ ئويلايدىغان بۇپ قالدىم.ئەجدادلىرمىز بىزنىڭ بەختىمىزگە ئاز بولمىغان قۇربانلارنى بىرىپ ئارمان بلەن دۇنيادىن خوشلاشتى.بىزگە كۆپ نەرسىلەرنى تەۋەررۈك قالدۇرۇپ كەتتى.بىز تەۋەرۈكلەرنى «خەق»نىڭ ئەرزىمەس نەرسىسىگە تىگىشتۇق.
كۈنسىرى يېقىنلاپ كىلۋاتقان ئەتىمىزدە بىز ئەۋلادلارغا زادى نىمەلەرنى تەۋەررۈك قالدۇرمىز؟بولغانغان نامىمىزنىمۇ؟شالغۇتلاشقان تىلىمىزنىمۇ؟ياكى قۇرۇتتەك بىچارە ھالدىكى نامراتلىقىمىزنىمۇ؟.................مانا بۇ ھەر قانداق ئۆزىنى مانا مەن(بىز)نىڭ ئەۋلادى دەيدىغان بىر ۋىجدانلىق قەلىب ئىگىسنىڭ كاللىسنى قاتتىق سىلكۋىتىپ ،يۈركىنى تۇتۇپ تۇرۇپ ئويلىندىنغان مۇھىملارنىڭ مۇھىمى بۇپ قالدى.
تۆنۆگۈن ھەقىقى ئىنساندەك ياشىغان بولساق، مانا بۈگۈن كىمىلكمىزنى ئۇنتۇغانلىقمىز سەۋەبى خارلىققا دۇچار بولدۇق.يۈزىمزىگە ھاقارەتلىك تامغىلار بېسىلىپ ئۈلگۈردى.ئاتالمىش مەدەنيەت بىزگە مانا شۇنداق زور دەرىجىدىكى بەخىتلەرنى بىرىپ ئۈلگۈردى. بىز بەخىت قوينىدا ياغ ئىچدىكى بۆرەكتەك ياشاۋاتقان بىر مەغررۇر ،نادان،يارىماس (بىز)گە ئايلىنىپ قالدۇق.بەختمىز سەۋەبىدىن چىنلىق دىگەن سۆز ئادەم قۇلقىغا كۈچەپ ئۇرۇلغان مۇشتەك تىگىدىغان بۇپ قالدى.ھەتتا نەچچە تۈمەن خەجلەپ ئالغان جورمىزمۇ ئاتالمىش مەدىنيەتنىڭ باش قاتۇرۇپ ،ئىنچىكىلىك بىلەن زىننەتلىشىدىن ئۆتكەندىن كىيىن بىزىنىڭ ئايالمىزغا ئايلىندىغان بىر خىل ئادەمنى چەكسىز سۈيۈندۈردىغان ،كەڭ كۈلەمدە ئۈگنىشكە ئەرزىيدىغان ،كەم تېپىلدىغان ئىنسانى پەزىلەت (بىز)گە كۈلۈپ قۇچاق ئاچتى. مانا مۇشۇنداق مەدەنيەتلەرنىڭ پەردازلىشدىن ئۆتكەن ساختا(مال)غا ئۇچراپ قالغان يىگىتلەر ئۈنسىز نىدا قىلىپ خورلۇقتا مىڭ ئۈلۈپ،مىڭ تىرىلدى. تۆنۆگۈن باشقىلار بىزدىن سۈيۈنسە ،بىزدىن ھەيران قالسا ،بۈگۈن-بىزنى كۆرسە پۇتىغا چاپلاشقان نىجاسەتكە يرگەنگەندەك يىرگىندىغان بولدى.
مانا مۇشۇنداق پۇلاتتەك پاكىت،مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان ھەقىقەت ئۇچۇق ئاسماندىكى قۇياشتەك جۇلالىنىپ تۇرسا (بىز)يەنە ئۆزىمىزنى ئاقلايدىغان بىر ئوچۇم نادانلاردىن بۇپ قالدۇق.
ئىپپەت-نۇمۇس پەردازلانۋاتقان بۇ گۈنكى كۈندە پەردازلانمىغان زادى نېمە قالدى؟.............................چىنىلىق ،مۇھەببەت دىگەن سۆزلەرنى لوغەت بەتلىردىن ئۈچۈرۋىتىش زۆرۈرمۇ قانداق؟.............
ئىنسان ئۆزىنىڭ قەدىر-قىممىتىنى بىلگەندە،ياشاش توغرا يۇلىنى تاپقاندا، ھەم بۇ يولدا تەۋرەنمەي ئاداققىچە مېڭىپ ،بۇ يولدا قۇربانلارنى بىرەلىگەن چاغدىلا بەختتىن ئىبارەت بولغان راھەتكە ئېرىشەلەيدۇ.
ۋىجدانلىق،غۇرۇرلۇق مىللى كىملىكنى ئۇنتۇمىغان ئەركەكلەرگە ساختا،سۈنئى ،پەردازلانغان كونا (مال)نىڭ پەقەت ۋە پەقەت لازىمى يوق!................ئىپپەت دىگەن كىم يۇقرى باھادا سېتىۋالسا بۇلىۋىردىغان چەتئەلنىڭ داڭلىق مېلى ئەمەس.ئۇ بىر ئاق قەغەز ئۇ-بىر گۈل.ئۇ-زىنھار كونا ئۆي ئەمەس.
ھەر بىر ئۆزىنى مەن (بىزنىڭ ) ئەۋلادى دەيدىغان غۇرۇرلۇق قىز-يىگىتنىڭ يازمىلىرمنى كۈرۈپ چۇڭقۇر ئويلىنىپ،مۇلاھىزە،مۇنازىرە قىلىپ تۆنۆگۈن،بۈگۈن،ۋە ئەتە ھەققىدە ئۆزىنىڭ زادى كىم؟ئىكەنلىكنى ئويلىنىپ بېقىشنى (بىز)قەۋمىگە ۋاكالىتەن ئۈمۈد قىلىمەن.
(بىز)ئەبىدى (بىز)بۇلىمىز دېسەك ھايات يۇلىمىزنى زادىن نەدىن تاللايمىز؟غەرىب مەدىنيىتى (بىز)لەرنى زادىن نېمىگە ئايلاندۇرۇپ قويدى؟ھازىرقى ھالىتىمىزدە دۇنيادىن خوشلاشساق بىزنى كۈتۋادىغنى بەختمۇ؟يا ئازابمۇ؟ھەر بىر ئۆزىنى ئىنسان ھېسابلايدىغان (بىز)قېنى تۇمۇرلىردا ئېقىۋاتقان ئەقىللىق (بىز)لەرگە بۇ سۇئاللارنى قالدۇردۇم.
ئۆزڭىزنى (بىز)ئەۋلادى بىلسىڭىز (بىز)نىڭ كىملكمىزنى چۇڭقۇر ئىزلىنىپ تېپىىپ چىقشىڭىزنى دۇنيادا ياشاۋاتقان ھەم دۇنيادىن كەتكەن (سۈيۈملۈك بىزلەر)گە ۋاكالىتەن (دۇنيادىكى تالاي بىزلەرنىڭ كەلگۈسى بەختى ئۈچۈن چىن قەلبىمدىن تەلەپ قىلىمەن)
2009-يىلى 24-مارتمەنبە:شەبنەم مۇنازىرىسى]ە








